رىزا كايائالپ 5 - قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ تارىخ ياراتتى

سېربىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچىمىز رىزا كايائالپ 130 كىلوگىراملىقلار بويىچە 5 - قېتىم ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

1879602
رىزا كايائالپ 5 - قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ تارىخ ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىزا كايائالپ يەنە بىر قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولدى.

دۇنيا چېلىشىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان مىللىي تەنھەرىكەتچىمىز رىزا كايائالپ، 130 كىلوگىراملىق چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشتى.

چېلىشىش ماھىرىمىز ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىرانلىق رەقىبى ئامىن مىرزازادىنى 1 گە قارشى 2 نەتىجە يېڭىپ، ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرى تۈرك چېلىشىش تارىخىغا قەيت قىلىندى.

رىزا كايائالپ 5 - قېتىم دۇنيا چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى تۈرك چېلىشىش ماھىرى سۈپىتىدە تارىخ ياراتتى.

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچى ئىلگىرى 2011 - يىلى، 2015 - يىلى، 2017 -  يىلى ۋە 2019 - يىلللىرىمۇ 4 قېتىم دۇنيا چېمپىيونى بولغان ئىدى.

«11 قېتىم ياۋروپا چېمپىيونى بولغان تۈرك چېلىشىش ماھىرى» دېگەن ئۇنۋانغىمۇ ئېرىشكەن رىزا كايائالپ  يەنە، كەسپىي ھاياتىدا بىر كۈمۈش، ئىككى مىس مېدالغىمۇ ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر