قوغداش ئاستىدىكى ۋان مۈشۈكلىرى  بۇ يىل 130 ئاسلان تۇغدى

ھەر يىلى نەچچە يۈزمىڭلىغان يەرلىك ۋە چەتئەللىكلەر زىيارەت قىلىدىغان ۋان مۈشۈكى داچىسىدا قوغدىلىنىۋاتقان مۈشۈكلەر بۇ يىل ئىككىنچى تۇغۇش مەزگىلىدە 130 ئاسلان تۇغدى.

1865546
قوغداش ئاستىدىكى ۋان مۈشۈكلىرى  بۇ يىل 130 ئاسلان تۇغدى
van kedisi.jpg
van kedisi.jpg
van kedisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋان مۈشۈكى دوستانىلىقى، ئاق يىپەكتەك يۇمشاق يۇڭلىرى، شىردەك ھەيۋەتلىك مېڭىشى، تۈلكىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ئۇزۇن ۋە تۇم قۇيرۇقى، كۆز رەڭگىنىڭ پەرقلىق بولىشى ۋە سۇغا ئامراقلىقى بىلەن شەھەرنىڭ ئەڭ مۇھىم بايلىقلىرى قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ.

ۋان مۈشۈكلىرىنىڭ تۇغۇلۇشى ھەر پەسىلدە ماس قەدەمدە داۋاملاشماقتا.

مۈشۈكلەرنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە ۋە يىل ئاخىرىدا يېڭى تۇغۇلغان ۋان مۈشۈكلىرىنى بېقىۋالغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىش نىشان قىلىنماقتا.

ھەر يىلى ئاز دېگەندە 100 ئائىلە ۋان مۈشۈكلىرىگە ئىگە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر