خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئېلىشنى باشلىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاشىنگتون بىلەن بولغان بەزى ئىككى تەرەپ دىيالوگلىرىنى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
1864393

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون بىلەن بولغان بەزى ئىككى تەرەپ دىيالوگلىرىنى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مۇداپىئە ساھەسىدە ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۈچ دىيالوگ مېخانىزمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا، ئەدلىيە ھەمكارلىقى، چېگرا ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق بەش ساھەسىكى مېخانىزمنى توختاتقان.
خىتاينىڭ قارارى بويىچە، مۇداپىئە ساھەسىدە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىرىنىڭ كۆرۈشۈشى، مۇداپىئە سىياسىتىدە كوردىناتسىيە كۆرۈشۈشلىرى ۋە ھەربىي دېڭىز مۇزاكىرە كېلىشىمى كۆرۈشۈشلىرى ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن.
خىتاي نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىنى «ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى قىلغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

يون سۇك يېئول: شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش پىلانىمىز يوق
جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش پىلانى يوقلىقىنى ئېيتتى.

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 8 كىشى قازا قىلدى
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى يارىلاندى.