سەئۇدى ئەرەبىستان 5 دۆلەتتە «مەككە يولى» لايىھەسىنى يولغا قويدى

سەئۇدى ئەرەبىستان 5 دۆلەتتە ھەج رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان «مەككە يولى» لايىھەسىنى يولغا قويدى.

1837777
سەئۇدى ئەرەبىستان 5 دۆلەتتە «مەككە يولى» لايىھەسىنى يولغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان «2030 - يىللىق نىشان» پروگراممىسىنىڭ بىرى بولغان «ئاللاھنىڭ مېھمانلىرىغا خىزمەت» تەشەببۇسى دائىرىسىدە، پاكىستان، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، ماراكەش ۋە بېنگالدا «مەككە يولى» لايىھەسىنى يولغا قويدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» دىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، «مەككە يولى» لايىھەسى بۇ 5 دۆلەتتىكى ھاجىلارنىڭ دۆلەتتىن چىقىشتا كېتىدىغان ئېلېكترونلۇق ۋىزا، پاسپورت ۋە سالامەتلىك رەسمىيەتلىرىدىن تارتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغاندىن كېيىنكى قاتناش، ياتاق ۋە يۈك-تاق رەسمىيەتلىرى قاتارلىق نۇرغۇن رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

باياناتتا، «مەككە يولى» لايىھەسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەج، ئۆمرە ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقى ھەمدە نۇرغۇنلىغان ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا يولغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر