ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا يەتكۈزىدىغان كۆپ نەرسە يوقلىقىنى ئېيتتى.

1830345
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولماقتا
biden kore'de.JPG
biden tokyo'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئاسىيا زىيارىتى دائىرىسىدە جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن موخبىرلارغا بايانات بەردى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە توختىلىپ، كىم جوڭئۇنغا يەتكۈزىدىغان كۆپ نەرسە يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.

بايدىن شىمالىي كورېيەنىڭ ھەر قانداق ھەرىكىتىگە قارشى تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە يادرو سىنىقىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بايدىن بىر مۇخبىرنىڭ «كىمگە قارىتا بىرەر ئۇچرىڭىز بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالىغا قارىتا «مەرھابا» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، بىر نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن «بۇ بىر جەريان» ئىبارىسىنى قوللاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بايدىننىڭ ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان ياپونىيەگە بىرىش ئۈچۈن ئايروپىلانىنىڭ پايتەخت سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىكى ئوسان ھەربىي بازىسىدىن ئۇچقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بايدىن 2021-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئاسىيا زىيارىتىنى جەنۇبىي كورېيەدىن باشلىغان بولۇپ، بايدىن جەنۇبىي كورېيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى10-مايدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان يون سۇك يېئول بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بايدىن ئۆزىنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشۈشكە ئوچۇق ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «بۇ (كىم جۇڭئۇننىڭ) سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل بولۇش ياكى بولمسلىقىغا باغلىق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر