مەملىكەتلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرىمىز بىرسى ئالتۇن، جەمئىي 3 مېدالغا ئېرىشتى
مەملىكەتلىك تەنھەرىكەتچىمىز يۈسۈف فەھمى گەنچ گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ياشلار ئېغىرلىق كۆتۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 67 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىرسى ئالتۇن، جەمئىي 3 مېدالغا ئېرىشتى.
1822254

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرىت ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدە، 67 كىلوگىراملىقلار بويىچە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن يۈسۈپ فەھمى گەنچ مۇسابىقىگەا قاتناشتى ۋە دەس كۆتۈرۈش تۈرىدە 171 كىلوگىراملىق نەتىجىسى بىلەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
مەملىكەتلىك ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرىمىز 136 كىلوگىرام ئېغىرلىق كۆتۈرۈشتە بىر مىس مېدالغا ۋە جەمئىي 307 كىلوگراملىق نەتىجىسى بىلەن بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.
شۇنداق قىلىپ، بىرسى ئالتۇن، جەمئىي 3 مېدالغا ئېرىشتى.