سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1807208
سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «تېررورچىلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ھۇجۇم تەشەببۇسلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز داۋادملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ئوغرىلىقچە كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىندى.»

تۈركىيە ئارمىيەسى، 2019 – يىلى 9 – ئۆكتەبىردىن 25 – نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىپ، رايوننى تېررورچىلاردىن تازىلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر