زېلېنسكىي 9 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي بىر ھەپتىدە تەخمىنەن 9 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1789261
زېلېنسكىي 9 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي خەلققە خىتاب قىلغان نۇتۇقىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى تۈزگەن پىلانلىرىنى بىر ھەپتە ئىچىدە بۇزۇپ تاشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا 24-فېۋرال (2022) دىن تارتىپ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى جەريانىدا، رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ روھىي كەيپىياتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يىللاردىن بۇيان تۈزگەن پىلانلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق. نۇرغۇن ئىشغالچىلار ئۆيلىرىگە قاراپ قاچقىلى تۇردى» دېدى.

ئۇ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ سىرتقا چىقىپ، ئىشغالچىلارنى شەھەردىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۇكرائىنا خەلقىگە قايىل بولدۇم. بىز رۇسلارنى نومۇس قىلغان ھالدا قوغلاپ چىقىرىمىز. ئۇلار دۆلەت جەڭچىلىرى ئەمەس، ئۇلار ئالدانغان بالىلار» دېدى.

ئۇ ھەر بىر ئىشغالچىنىڭ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى رۇسلارغا ئاخىرقى مىنۇتقىچە بىلدۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىر ھەپتە ئىچىدە 9 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى. مىكولايىۋ يولى ئۈستىدە 20-19 ياشلاردىكى 3-2 يۈز ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى تىك ئۇچارلار بىلەن توپلاشقا مەجبۇر.»

ئۇ ئۇكرائىنالىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇشنىڭ «ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇرۇشى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەزكۇر ئۇرۇشنىڭ قانداق باشلانغانلىقىنى ۋە ئىشغالچىلار ئۈچۈنمۇ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىمىز. قەيەرگە كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە يەردە يوقىتىلىدۇ. ئىشغالچىلار ئۇكرائىنالىقلاردىن جاۋابىنى ئالىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ شېرىكلىرىدىن ۋە ھەقىقىي دوستلىرىدىن ھەر كۈنى دېگۈدەك قورال-ياراغ ياردىمى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ ۋە تېخىمۇ ئىلغار قوراللارنىڭ ياردەم قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ: «ئۇكرائىناغا ياردەم ئۈچۈن 16 مىڭ چەت ئەللىك جەڭچى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قىسمى ئۇكرائىناغا كېلىش ئالدىدا. ئۇلار بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنى، ھاياتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ 27-فېۋرالمۇ پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇكرائىنانىڭ دوستلىرىنى ئۇكرائىنانى ۋە ياۋروپانى رۇسىيە ھۇجۇمىدىن قوغداشقا چاقىرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر