ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا «Seijin no Hi» (بويىغا يەتكەنلەر بايرىمى) تەبرىكلەندى

ھەر يىلى 1-ئاينىڭ ئىككىنچى دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بويىغا يەتكەنلەر بايرىمى رەڭگارەڭ كۆرۈنۈشلەرگە سەھنە بولدى.

1760031
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا «Seijin no Hi» (بويىغا يەتكەنلەر بايرىمى) تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنئەنىۋىي كىيىم-كېچەكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن بېزەلەەن ياپونيەلىك بويىغا يەتكەنلەر ۋە بويىغا يېتىش نامزاتلىرى توكيودا بىر يەرگە جەم بولدى.

شىبۇيا رايونىدىكى تارىخى مېيجى بۇتخانىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ياپونلار ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

بويىغا يەتكەنلەر بايرىمى 20 ياشقا توشقان ياكى بىر يىل ئىچىدە 20 ياشقا كىرىدىغان ياپونلار ئۈچۈن مۇھىم  بايرام ھېسابلىنىدۇ.

رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى بولغان بۇ بايرام «رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ھاياتنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىغا كىرگەنلىكىگە دائىر تونۇش يارىتىش» نى مەقسەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر