ناسا يۇپىتېرنىڭ بىر يۇلتۇزىدىن كەلگەن ئالۋاستى ئاۋازلىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى-ناسا يۇپىتېر يۇلتۇزى «گانىمەد» دىن كەلگەن ئاۋازلارنى ئېلان قىلدى.

1749925
ناسا يۇپىتېرنىڭ بىر يۇلتۇزىدىن كەلگەن ئالۋاستى ئاۋازلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇپىتېر يۇلتۇزىدىن كەلگەن ئاۋاز خاتىرىسى، ناسا تەرىپىدىن يۇلتۇزدىن تارقالغان ئېلېكتر ماگېنىت دولقۇنىنى ئاۋاز دائىرىسىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.

يۇپىتېرنىڭ ئوربىتاسىدا جەمئىي  79 يۇلتۇز بار.

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولغان گانىمەد، قۇياش سىستېمىسىدىكى 9-چوڭ جىسىم دەپ قارىلىدۇ.

ناسانىڭ 2011-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن جۇنو سۈنئىي ھەمراھى 2016-يىلى 7-ئايدا يۇپىتېرغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، يەر شارىنىڭ ئوربىتاسىدا تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مەزكۇرتەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى گانىمەدقا يېقىن ئۇچتى ۋە دولقۇن ئەسۋابى بىلەن ئۇنىڭ ئېلېكتر ماگېنىت دولقۇنىنى خاتىرىلىدى.

دولقۇن چاستوتىسى ناسا تەرىپىدىن ئاۋاز دائىرىسىگە يۆتكەلگەندە، بوشلۇقتا ياڭرىغان قورقۇنچلۇق ئاۋازلار پەيدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر