تۈرك ئالىملىرى: ئومىكرون ۋارىيانتىدىن ئالاقزادە بولماسلىق كېرەك

گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۈرك ئالىملىرى ۋە بىيونتېك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجى ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن ئالاقزادە بولماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1741367
تۈرك ئالىملىرى: ئومىكرون ۋارىيانتىدىن ئالاقزادە بولماسلىق كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئالىملاردىن ئۇغۇر شاھىن بىلەن ئۆزلەم تۈرەجى گېرمانىيەنىڭ ماينز (Mainz) شەھىرىدە، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇغۇر شاھىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئومىكرون ۋارىيانتى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇماتلار توپلانغاندا، ئېنىق خۇلاسە چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن قورقۇپ كەتمەسلىك كېرەك. ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ۋارىيانتنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز. ۋاكسىنانىڭ بۇ ۋارىيانتقا ئاز تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئېغىر كېسەل بولۇشتىن قوغدايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. ئۈچىنچى شىشە ۋاكسىسنانى ئەملەتكەندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ئۇ تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋاكسىنانىڭ ئەكس تەسىر پەيدا قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىككىلىنىۋاتقانلارنى قايىل قىلىش لازىم» دېدى.

ئۆزلەم تۈرەجى 2012-يىلدىن تارتىپ مارنا (Mrna) ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «20 مىڭ ئادەم ئۈستىدىن ۋاكسىنانى سىناق قىلىپ، %95 مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىڭىزنى بىلگەن ۋاقتىڭىز، دەل ھەقىقەتنى بىلگەن ۋە ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتىڭىزدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر