ئادىياماندا 40 مىليون يىللىق تاش قاتمىلار تېپىلدى

ئادىياماندا 40 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 4 تاشقا ئايلانغان دېڭىز جانلىقى بايقالدى.

1734142
ئادىياماندا 40 مىليون يىللىق تاش قاتمىلار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلۈكيايلا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 21 ياشلىق گۈلجان ئۆزتۇرك ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە يېزىدا كېتىۋاتقاندا ئوخشىمىغان شەكىلدىكى 4 تاشنى بايقىدى.

بۇ تاشلارنى ئادىيامان مۇزېيى باشقارمىسىغا ئېلىپ كەلگەن گۈلجان ئۆزتۇرك، تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇردى.

مۇزېي باشقارمىسىنىڭ گۇرۇپپىلىرى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە، تېپىلغان تاشلارنىڭ 40 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە ئېئوسېن دەۋرى نۇمىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە يەككە ھۈجەيرىلىك دېڭىز جانلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

تاش قاتمىلار قوغدىنىش ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر