ياپونىيەنىڭ پايتەختىدىكى توكيو جامەسىدە تۈرك كۈلتۈر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
ياپونىيەنىڭ پايتەختىدىكى توكيو جامەسى ۋە تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە كۈلتۈر فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى.
1727020
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېستىۋالدا ساپال بۇيۇملار، كلاسسىك ئىسلام ئەسەرلىرىنى ئوقۇش كۇلۇبى، گۈل تىزىش، ئىسلامىي ھۆسنخەتلەر، تۈرك قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، ئەرەب تىلى سىنىپى ۋە ياش مۇسۇلمانلار كۇلۇبى قاتارلىق مەدەنىيەت مەركىزىدە يىل بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر تونۇشتۇرۇلدى.
كۈلتۈر فېستىۋالىغا قاتناشقان ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە تەۋە مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ياپونىيەلىكلەر تۈرك تاماقلىرىنىڭ تەمىنى تېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
تۈركىيەنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قورقۇت گۈنگېنمۇ فېستىۋالنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، پائالىيەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ئالدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 27 - نويابىردا تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.