ھۈررەم سۇلتاننىڭ سۈرىتى 126 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى

ئەنگلىيەدىكى تالاشتۇرۇپ سېتىش مەركىزى «Sotheby» دا، ھۇررەم سۇلتان (ئوسمانلى ئىمپېراتورى سۇلايماننىڭ ئايالى) نىڭ سۈرىتى 126 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى.

1726153
ھۈررەم سۇلتاننىڭ سۈرىتى 126 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىسلام دۇنياسى ۋە ھىندىستان سەنئىتى» ناملىق كىم ئارتۇق سودىسىدا، 1000 يىللىق تارىخقا ئىگە تارىخىي بۇيۇملار، رەسىملەر ۋە قوليازمىلار سېتىشقا سۇنۇلدى.

13-ئەسىردىن قالغان مېتال ئەسەرلەر، 2 جۇپ ئالماس ۋە زۇمرەتتىن ياسالغان بابۇرىيلەر كۆزئەينىكى، ئالتۇن يالىتىلغان قۇرئان كەرىم، ئاسترونومىيەلىك ئەسۋابلار، ئىراننىڭ كىچىكلىتىلگەن ئەسەرلىرى ۋە پولشا گىلىمى قاتارلىقلار تالاشتۇرۇپ سېتىلدى.

كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىشتا، تۈركىيەدىن ئىزنىك كاھىشلىرىمۇ سېتىشقا سۇنۇلغاندىن باشقا يەنە، 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياكى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ۋېنىتسىيەلىك رەسسام تىتىياننىڭ شاگىرتى تەرىپىدىن سىزىلغان ھۈررەم سۇلتاننىڭ سۈرىتىمۇ ئورۇن ئالدى.

70 مىڭ فوندستېرلىڭ باھا بىلەن سېتىشقا سۇنۇلغان بۇ ئەسەر ئاخىرىدا 100 مىڭ فوندستېرلىڭغا سېتىلدى. سېتىۋالغۇچى رەسىم توپلاش ھەققىنى قوشقاندا 126 مىڭ فوندستېرلىڭ تۆلەيدۇ.

ھەشەمەتلىك سۇلتان سۇلايماننىڭ قىزى مېھرىما سۇلتاننىڭ ئىككى پارچە سۈرىتىدىن بىرىسىمۇ كومىسسىيە ھەققىىنى قوشقاندا 13 مىڭ 860 فوندستېرلىڭغا، يەنە بىرى 17 مىڭ 600 فوندستېرلىڭغا سېتىلدى. ھەشەمەتلىك سۇلتان سۇلايماننىڭ سۈرىتى بولسا 11 مىڭ 340 فوندستېرلىڭغا سېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر