ھاتاينىڭ سامانداغ ناھىيەسىدىكى  تىتۇس تونېلى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا

ھاتاينىڭ سامانداغ ناھىيەسىدە رىم دەۋرىدە سېلىنغان تىتۇس تونېلىنى 8 ئاي ئىچىدە تۈركىيە ۋە چەتئەللەردىن بولۇپ، 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشى زىيارەت قىلدى.

1703955
ھاتاينىڭ سامانداغ ناھىيەسىدىكى  تىتۇس تونېلى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاغدىن كەلگەن سۇلارنىڭ پورتنى قۇم ۋە شېغىللار بىلەن تولدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رىم ئىمپېراتورى ۋېسپاسيانۇسنىڭ بۇيرىقى بىلەن مىلادىيە 69-يىلى ياسالغان ۋە ئوغلى تىتۇس دەۋرىدە مىلادىيە 81-يىلى تاماملانغان ۋېسپاسيان-تىتۇس تونېلى، شەھەرگە كەلگەنلەر چوقۇم زىيارەت قىلماي كەتمەيدىغان جايلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

بۇ تونېل تۇتقۇنلارنى  ئىشلىتىش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ زىيارەتچىلەرنى گويا ئۆتمۈشكە ئېلىپ بېرىدۇ.

بىناكارلىقى بىلەن تۈركىيە ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە ياختۇرىشىغا ئېرىشكەن بۇ تونىلنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1380 مېتىر، ئېگىزلىكى 7 مېتىر  ۋە كەڭلىكى 6 مېتىر كېلىدۇ.

تىتۇس تونېلىنى زىيارەت قىلغانلار ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى بەشىكلى ئۆڭكۈرىنىمۇ زىيارەت قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر