خەلقئارا قازان مۇسۇلمان كىنو فىلىملىرى فېستىۋالى باشلاندى

رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندا «مەدەنىيەت دىيالوگىدىن دىيالوگ مەدەنىيەتىگىچە» شوئارى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان 17 - نۆۋەتلىك خەلقئارا قازان مۇسۇلمان كىنو فىلىملىرى فېستىۋالىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1703130
خەلقئارا قازان مۇسۇلمان كىنو فىلىملىرى فېستىۋالى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازانسكايا راتۇشا بىناسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان فېستىۋالنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، قىزىل گىلەمدىن ئۆتۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىلقى فېستىۋالدا 24 دۆلەتتىن 50 فىلىم رىقابەتكە چۈشىدۇ.

تۈركىيەنىڭ «ھەرە كۆنىكى»، «قېرىنداشنىڭ قوغدىغۇچىسى» ۋە «ئاچچىق ۋە تاتلىق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىملىرى، فېستىۋالدا تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. «قورال» ناملىق فىلىمىمۇ «رۇسىيە-ئىسلام دۇنياسى» مۇسابىقىسى سىرتىدىكى پروگراممىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

فېستىۋال 10 - سېنتەبىر ئاخىرلىشىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر