سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (82)

1679071
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (82)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

دۇنيادا «Opec plus» ناملىق ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نورمىسى توغرىسىدىكى يىغىنىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يىرىكچىلىك ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارالاپ قويدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا قارىماستىن يېقىندىن بېرى نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىشقا باشلىشى، ھەتتا توقۇنۇشلارنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى پارىس قولتۇقى ئىچكى تەڭپۇڭلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

«Opec plus» دەپمۇ ئاتىلىدىغان «Opec» ئەزالىرى بىلەن رۇسىيە تەرىپىدىن قۇرۇلغان «Adoc hoc» تەشكىلاتى ئۇزۇندىن بۇيان نېفت بىلەن تەمىنلەش-ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ئارقىلىق نېفىت باھاسىنىڭ مەلۇم سەۋىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشماقتا ئىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ سلانېتس نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، «Opec plus» ئەزالارنىڭ بازار ئۈلۈشىنى يوقىتىپ قويىشى بىلەن باھانىڭ مۇقىملىقى ئوتتۇرىسىدا ئىككىلىنىشكە چۈشۈپ قالغانلىقلىرى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەزالار يەنىلا مەلۇم شەكىلدە ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بىراق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئۆزىگە زورلاپ تېڭىلغان يېڭى ئىشلەپچىقىرىش نورمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى سەئۇدى ئەرەبىستاننى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەندەك قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت مىنىستىرىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئەيىبلىشى بىلەن  ئىككى دۆلەر بىر - بىرىنى ئەيىبلەشلەرنى داۋاملاشماقتا.

نۇرغۇن تەھلىلچىلەر بۇ مەسىلىنىڭ پەقەت «Opec plus» ئىشلەپچىقىرىش نورمىسىدىنلا ئىبارەت ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېغىر جىددىيچىلىكلەرنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. پەلەستىن مەسىلىسى شۇنداقلا قاتار ۋە يەمەن مەسىلىلىرىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ باش كۆتۈرگەندەك قىلىدۇ.

ئەسلىدە، ترامپ دەۋرىدە ئىسرائىلىيە ۋە زىئونىستلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىتتىپاق قۇرۇپ چىققان بولۇپ، رايونغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەردە ئىتتىپاق ئەزالىرى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلاتتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن مۇھەممەد بىن زەيىد ۋە «ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا» دەپ قارالغان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانمۇ بۇ سىياسەتنىڭ يولغا قويغۇچىلىرى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقماقتا ئىدى. بىراق  بۇ تەڭلىمىدە، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مەنپەئەتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭكىدىن ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، پادىشاھلىق ئىچىدە نارازىلىقلار بارغانچە كۈچەيدى. بولۇپمۇ پەلەستىن ۋە يەمەن مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى. تىرامپ ھوقۇقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن بۇ ئىتتىپاقمۇ يىمىرىلدى. ئاندىن سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا باشلىدى. قاتار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتلەردە نورماللىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يەمەندىمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خۇسىيلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن چېكىنىپ چىقتى. سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى بۆلگۈنچى جەنۇب كۈچلىرىنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى «Opec plus» يىغىنىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.

ئەلۋەتتە بۇ ئىككى دۆلەتنى توقۇنۇش ۋە كۈرەشنىڭ چوڭ دولقۇنىغا پېتىپ قالىدۇ، دەپ ئويلىماسلىق كېرەك. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى مەركەز قىلىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئوخشىمىغان مەۋقەدە تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالايمىز. مۇھەممەد بىن سەلماننىڭمۇ بۇ جەرياندىن ناھايىتى ئۇپرىغان ھالدا چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ تالونىنىڭ ئۇنىڭغا كېسىلىدىغانلىقىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر