بەشىنچى يىلىدا؛ 15 - ئىيۇل

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (81)

1676321
بەشىنچى يىلىدا؛ 15 - ئىيۇل

بەشىنچى يىلىدا؛ 15 - ئىيۇل

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (81)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «بەشىنچى يىلىدا؛ 15 - ئىيۇل» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

2016 - يىلى 15 - ئىيۇلدا ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ، تۈركىيەنى كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋىلىش ئۈچۈن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللىگەن ئەمما مەغلۇب بولغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەنكىگە ساق بەش يىل بولدى. سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى خەلقنىڭ تۈركىيە دېموكراتىيەسىنى قوغدىغان جاسارەتلىك پوزىتسىيەسىدۇر. سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولدى. سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارىتا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي پوزىتسىيە تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ۋە ئىجتىمائىي بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىدى. بەش يىلدىن كېيىن، 15-ئىيۇلنىڭ مەنىسى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىلىنىشكە باشلىدى.

چۈنكى بەش يىلدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولدى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئېلېمېنتلىرىنى تازىلاش جەريانى بەش يىلدىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملاشتى. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىغا سىڭىپ كىرىپ يوشۇرۇلغان نۇرغۇن فەتھۇللاھچىلار ئاشكارىلىنىپ يا قوغلاندى ياكى سوتقا تاپشۇرۇلدى. بۇ دائىرىدە، نۇرغۇنلىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدىن تازىلاندى ۋە ئارمىيەنىڭ ھالقىلىق ھەرىكەتلەردە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋىپلەر ئازايتىلدى. بىخەتەرلىك ۋە ئاخبارات ساھەلىرىدە ئۈنۈملۈك چارىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىستىخباراتقا ئوخشاش مۇھىم ئورگانلاردا  ئېلىپ بېرىلغان تازىلاش ئارقىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى.

15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار بىلەن ئىشقا ئاشتى. بۇ دائىرىدە ژاندارما ۋە دېڭىز ساھىلى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەۋە قىلىندى. ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر قىسىم قوماندانلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى ئۆزگەرتىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېخىمۇ بەك ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلدى .بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى بىيۇروكراتىك تازىلاش ۋە بىخەتەرلىك ساھەسى ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى نەتىجىسى تېرورلۇققا قارشى كۈرەشتە نامايان بولدى. بۇ دائىرىدە، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيە يولغا قويۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيىدىكى دائېشقا قارشى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر ئىككى تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىرى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى ۋە بۇ رايونلار تېررورلۇقتىن تازىلاندى. بۇ جەرياندا ئىراققا قايتا ئورۇنلاشماقچى بولغان پ ك ك غا قارشى يولغا قويۇلغان يېڭى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تۆۋەنلەتتى. بۇ ساھەلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار يېڭى بىر سىياسىي ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە، سۈرىيە، ئىراق، تاغلىق قاراباغ ۋە شەرقىي ئاق دېڭىز قاتارلىق ھالقىلىق تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا كېلىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

تاشقى سىياسەتتە بولسا، گويا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. 15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم قەدەم سۈرىيەدە تاشلاندى. تۈركىيە فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق دائېشنى چېگراسىدىن تازىلاپ، پ ك ك نىڭمۇ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈردى. 2018-يىلى 1-ئايدا باشلانغان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ئارقىلىق پ ك ك ئافرىندىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە سۈرىيە كرىزىسىدا تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا باشلىدى. 2019-يىلى ئۆكتەبىردە ئېلىپ بېرىلغان «تىنچلىق باھارى ھەرىكىتى» ئارقىلىق فىراتنىڭ شەرقىدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ھۇجۇم نىشاننى قىلغان تۈركىيە، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى پائاللىقى ۋە شىمالدا ئاتالمىش ​​تېررورلۇق دۆلىتىنى قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. ئىدلىب كرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ تەشەببۇسكارلىقنى ئىشقا سېلىپ، 2020-يىلى مارتتا ئىدلىبتىكى سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ئېغىر زەربە بەردى. بۇ بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەر تۈركىيەنىڭ 15-ئىيۇلدىن كېيىنكى دىپلوماتىك ئۈستەلدە تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

بۇ ھەرىكەتلەر ئەڭ ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرگەن يەنە بىر ساھە لىۋىيە ئىدى. 2011-يىلدىن باشلاپ لىۋىيە كرىزىسىدا دىپلوماتىك ئۇسۇللارنى قوللانغان تۈركىيە، 2019-يىلى 4- ئىيۇلدا ب د ت تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق تىرىپولى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرماقچى بولغان ھافتەرگە قارشى لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىدى. بۇ دائىرىدە لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلىشىش ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى ۋە ھافتەر كۈچلىرىنىڭ تىرىپولىنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھافتەرنى چېكىندۈرۈپ، لىۋىيەدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2020-يىلىدا تاغلىىق قاراباغ مەسىلىسىدە ئەزەربەيجاننى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق ئەرمېنىيەنى چېكىنىدۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىق بارلىق مەسىلىلەردە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئاكتىپ ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش كۈچى يۇقىرى ئىكەنلىكى نامايان قىلدى.

ئارىدىن مانا بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن 15-ئىيۇلغا قارايدىغان بولساق، ھەر جەھەتتىن تۈركىيەگە نىسبەتەن تارىخىي خاراكتېرلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنەلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر