ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ ئاتاقلىق چولپىنى دىلىپ كۇمار ئالەمدىن ئۆتتى

ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ «پاجىئە پادىشاھى» دەپ نام ئالغان چولپىنى دىلىپ كۇمار 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

1671425
ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ ئاتاقلىق چولپىنى دىلىپ كۇمار ئالەمدىن ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «جۇگنۇ»، «شەھىد»، «مارتىي» قاتارلىق كىنولاردىكى رولى بىلەن داڭق چىقارغان دىلىپ كۇمار ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى بىر  دوختۇرخانىدا قازا قىلدى.

داڭلىق ئارتىس ئالدىنقى ئايدا نەپەس يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن بالنېستقا ئېلىنغان بولۇپ، قازا قىلغانلىقىنى ئائىلە ئەزالىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «دىلىپ كۇمار داستانلاشقان كىنو قەھرىمانى سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى مەدەنىيەت دۇنيامىزغا نىسبەتەن چوڭ يوقىتىش بولدى» دېدى.

دىلىپ كۇمار 1994-يىلى ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئالىي شەرەپ مۇكاپاتى «دادا ساھىب فالكە» غا ئېرىشكەن ئىدى.

دىلىپ كۇمار 1950-يىللاردا «پىيادىلەر يولى»، «نايا داۋۇر»، «مۇساپىر» ۋە «پايگام» قاتارلىق نۇرغۇن تېلېۋېزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان بولۇپ، كەسپىي ھاياتىدا 60 قا يېقىن كىنودا ھەر خىل روللارنى جانلاندۇرغان ئىدى.

دىلىپ كۇمار يەنە، ھىندىستان پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسىدىمۇخىزمەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر