دۆلەتلىك چېلىشچىلىرىمىز پولشادا 5 مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە چېلىشىش ماھىرلىرى پولشا ئوچۇق پىتلاسنىسكى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە جەمئىي 5 مېدالغا ئېرىشتى.

1657469
دۆلەتلىك چېلىشچىلىرىمىز پولشادا 5 مېدالغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە چېلىشىش فېدېراتسىيەسىنىڭ باياناتىدا، ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن پولشا ئوچۇق پىتلاسسىنكى چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە مىللىي چېلىشچىلىرىمىزنىڭ 3 مېدالغا ئېرىشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گرېك-رىم ئۇسلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدا، 60 كىلوگراملىقلار بويىچە ئەكرەم ئۆزتۈرك كۈمۈش مېدالغان، 72 كىلوگىراملىقلار بويىچە جەنگىز ئارسلان ۋە 87 كىلوگراملىقلار بويىچە مەتەخان باشار مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئىلگىرى مۇرات فىرات ئالتۇن مېدالغا، ئاياللار تۈرىدە بۇسە توسۇن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، دۆلەتلىك چېلىشىش كوماندىمىز مۇسابىقىنى 1 ئالتۇن، 2 كۈمۈش ۋە 2 مىس مېدال بىلەن تاماملىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر