گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر- 76

1655426
گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى

گىرۇزىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى

 ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 2021-يىلى، 1 – ئىيۇن كۈنى،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى باش مىنىستىر سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى. زىيارەت ھەيئىتىدىن، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە ۋە مۇھىت ئاسراش ئىشلىرى مىنىستىرلىرى، ئادجارا مەسئۇلى قاتارلىقلارمۇ ئورۇن ئالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر گارىباشۋىلىنى ئەنقەرەدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، رەھبەرلەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىشنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقان ئىراكلى گارىباشۋىلى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تىفلىسقا تەكلىپ قىلدى.

تۈركىيە تەخمىنەن 15 يىلدىن بۇيان گىرۇزىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ كەلمەكتە. رەھبەرلەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئورتاق سودا مىقدارىنى 3 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە شەرق-غەرب تىرانسپورتىدا ترانزىت دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىدە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىش ئەۋزەللىكلىگە ئىگە. ھەتتا زېنگېزور كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىمۇ، تۈركىيە-گىرۇزىيە-ئەزەربەيجان قاتناش كارىدورىنىڭ مۇھىملىقىنى يوقاتمايدۇ.

تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە سەھىيە ساھەسىدىمۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ سەھىيە خەدىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى مەسىلىسى توغرۇلۇق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. گىرۇزىيەدە ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىدا تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئەرمېنىيەنىڭ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشى ۋە رايونلۇق بىر گەۋدىلىشىشكە داخىل بولۇشىدا گىرۇزىيە ئىجابىي رول ئوينىشى مۇمكىن. گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گارىباشۋىلى تۈركىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن باكۇ ۋە ئېرىۋاندا زىيارەتتە بولدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «بىز رايوندا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى قوللايمىز» ۋە «گىرۇزىيە رايونلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئاچقۇچى» تەرىقىسىدىكى باياناتلىرى، بۇ نۇقتىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە-ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئەرمېنىيەنىڭ قاتنىشىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تاشلانغان مۇھىم  بىر قەدەم بولۇشى مۇمكىن.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان چېگرا ئېغىزلىرى، 2021 – يىلى، 1 – ئىيۇن كۈنىدىن باشلاپ قايتا ئېچىلدى. بۇ ئەھۋال، ئورتاق سودا ھەجمىنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە، ئۆزئارا كىملىك ​​بىلەنلا ساياھەت قىلىش، تاموژنىدا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمى قاتارلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەدە داۋاملىشىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان قەدەملەرنى ئاللىقاچان تاشلاپ بولغانىدى.

تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ستالىن دەۋرىدە يۇرت - ماكانلىرىدىن قوغلانغان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىشى مەسىلىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئىجابىي ھەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەلۇم بولغىنىدەك، گىرۇزىيەنىڭ ناماخۋان رايونىدا بىر تۈرك شىركىتى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. ئۇدا ئالتە ئايدىن بۇيان، يەرلىك خەلقنىڭ بىر قىسمى بۇ  لايىھەنىڭ ماددىلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. 1 – ئىيۇن كۈنى، تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلگەن گىرۇزىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى لايىھەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارنىڭ بار بولۇشى، بۇ مەسىلىنىڭ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تېز ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى گىرۇزىيە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مۇھىم سېلىنما لايىھەلىرىدىن بىرىدۇر.

تۈركىيە-گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئەزەربەيجان فاكتورى دىققەت قوزغىماقتا. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرۇلماقتا. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ھازىرغا قەدەر، باكۇ-تىفلىس-جەيھان، باكۇ-تىفلىس-قارس، باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم لايىھەلىرى بۇ ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە سودا مۇنبىرى يىغىنى چاقىرىلماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى رايونلۇق ھەمكارلىقىنى يېڭى بىر سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر