ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 568 – يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

1648018
ئەردوغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تارىخىمىزنىڭ ئەڭ شانلىق زەپەرلىرىدىن بىرى بولغان ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 568 – يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدھىيەسىگە سازاۋەر بولغان بۇ مىسلىسىز شەھەرنى مەدەنىيەت  مىراسىمىزغا قوشقان فاتىھ سۇلتان مەھمەت خاننى ۋە ئۇنىڭ شانلىق قوشۇنىنى، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنغانلىقىنىڭ 568 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ياد ئېتىمەن.»

ئەردوغاننىڭ باياناتىدىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىستانبۇل چوقۇم پەتھى قىلىنىدۇ، ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىدىغان قوماندان نېمىدېگەن ياخشى قوماندان، ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىدىغان قوشۇن نېمىدېگەن شانلىق قوشۇن» دېگەن ھەدىسى بىلەن ئاياسوفيا جامەسىگە ئالاقىدار فوتو سۈرەتمۇ ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر