«قەدىر كېچىسى» بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ

ئىسلام دىنىدا رامىزاننىڭ 27 – كېچىسىگە توغرا كېلىدىغان ۋە قۇرئان كەرىمدە «(شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇق» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن «قەدىر كېچىسى» بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ.

1636527
«قەدىر كېچىسى» بۈگۈن ئىدراك قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىشقا باشلانغان «قەدىر كېچىسى»، «كۆكلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان، دۇئا ۋە تۆۋبىلەر قوبۇل قىلىنىدىغان مۇقەددەس كېچە» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى تەدبىرلىرى دائىرىسىدە جامەلەردە ئاممىۋى ئىبادەت ۋە پائالىيەتلەر چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن، «قەدىر كېچىسى»، ئۆيلەردە ئىبادەت ۋە دۇئا ئارقىلىق ئىدراك قىلىنىدۇ.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش، «قەدىر كېچىسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇ كېچە، سەمىمىي تۆۋبىلىرىمىز ئارقىلىق رەببىمىزگە يۈزلىنىپ، غەپلەت ئىچىدە ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمىز ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن ئىستىغپار تەلەپ قىلايلى، بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، قۇلچىلىق ۋە تائەت – ئىبادەتكە سەل قارىغان نۇقسانلىرىمىز ئۈچۈن رەببىمىزدىن كەچۈرۈم سورايلى.»

ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە مەسجىدى ئەقسادىكى ھۇجۇملىرى توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسى، پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قۇددۇسقا ساھىب چىقىشى، زۇلۇم - سىتەم ۋە ئىشغالنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدۇر. چۈنكى، مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلغان زالىملار، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ چېچىلاڭغۇلۇقىدىن جاسارەت ئالماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر