خىتاي «ئۇزۇن سەپەر 5B» ناملىق راكېتاسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى

خىتايغا تەۋە «ئۇزۇن سەپەر 5B» ناملىق راكېتانىڭ كونتروللۇقىنى يوقىىتپ قويۇىشى پۈتۈن دۇنيانى ئەندىشىگە سالدى.

1634260
خىتاي «ئۇزۇن سەپەر 5B» ناملىق راكېتاسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ قويدى
Cin Long March 8 roketi.jpg
roket.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) باياناتچىلىرىدىن مايك خوۋارد راكېتانىڭ 8- مايدا يەر يۈزىگە چۈشۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆتۈش يولى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئارمىيەسى تەرىپىدىن كۆزىتىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خوۋارد ھازىر راكېتا قالدۇقلىرىنىڭ يەر شارىنىڭ زادى قەيىرىگە چۈشىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، راكېتا يەر يۈزىگە چۈشۈشكە بىر قانچە سائەت قالغاندا ئاندىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خىتاي ئالدىنقى ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ ئالەم پونكىتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، بۇ راكېتانى ئىشلەتكەن ئىدى.

خىتاي راكېتاسىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، پارچىلانغان بىر قىسمىنىڭ ئاتموسفېرادا كۆيۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، 22 توننىلىق راكېتانىڭ بەزى پارچىلىرىنىڭ ئولتۇراق رايونلارغا چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.


خەتكۈچ: #راكېتا , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر