رۇسىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 70

1630844
رۇسىيەنىڭ غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

رۇسىيە – شەرقىي ياۋروپا – غەرب مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

2021-يىلى، 21 – ئاپرېل كۈنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فېدېراتسىيە مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە، «رۇسىيەگە دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقانلار» نى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆۋرۈكلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى خالىمايمىز، لېكىن بەزىلەر بىزنىڭ ياخشى نىيىتىمىزنى ئاجىزلىق دەپ قارىسا، ئۇلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، رۇسىيەنىڭ جاۋابى سىممېترىك، تېز ۋە كەسكىن بولىدۇ.» پۇتىننىڭ بۇ سىگنالى ئالدى بىلەن غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان ئىدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، غەرب بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتلارنىڭ ئۆزئارا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئالدى بىلەن، بۇ ۋەقەلەرنىڭ جەريانىغا نەزەر تاشلاپ چىقايلى.

2021-يىلى، 15 – ئاپرېل كۈنى، رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 10 رۇس دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى. 21 – ئاپرېل كۈنى، رۇسىيەمۇ ئامېرىكالىق 10 دىپلوماتنىڭ 1 ئاي ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. 22 – ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون سۇللىۋان مەسلىھەتلەر ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا قايتتى.

شۇ كۈنى، پولشا 3 رۇس دىپلوماتنى «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلدى. 16 – ئاپرېل كۈنى، رۇسىيە بۇنىڭغا جاۋابەن پولشالىق 5 دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2021-يىلى، 17 – ئاپرېل كۈنى، چېخىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج بابىش، پراگانىڭ، رۇس ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ 2014 – يىلى بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى، 18 رۇس دىپلوماتىنىڭ «خالانمىغان ئادەم» ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە بۇنىڭغا جاۋابەن، چېخىيەلىك 20 دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

شۇ كۈنى، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا بىرەر دىپلوماتنىڭ دۆلەتنى تەرك ئېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

2021-يىلى، 20 – ئاپرېل كۈنى، رۇسىيە بۇلغارىيەلىك ئىككى دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مارت ئېيىدا، بۇلغارىيە ئىككى رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

2021-يىلى، 22 – ئاپرېل كۈنى، سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى ئېدۋارد ھېگېر، چېخىيەنىڭ ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن، 3 رۇس دىپلوماتنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلىتىدىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2021-يىلى، 23 – ئاپرېل كۈنى، چېخىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدىن لىتۋانيە 2، ئېستونىيە ۋە لاتۋىيە بىرەر رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارارلاشتۇردى. رۇسىيەمۇ بۇ دۆلەتلەرگە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇردى.

رۇسىيە بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ غەرب چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ۋە تەرەپلەر بىر-بىرىنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى باردۇر. ھازىرچە شەرقىي ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ھەرىكەتلەر، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۈزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇما سايلاملىرىغىچە، غەربنىڭ قوللىشىدىكى رۇسىيە ئۆكتىچىلىرى، 21-ئاپرېلدىكىگە ئوخشاش نامايىشلارنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ نامايىشلار سەۋەبىدىن، ئۆكتىچىلەرنى قوللاۋاتقان رۇسىيەدىكى دىپلوماتلار چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى، غەرب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن. دەرۋەقە، رۇسىيە بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئاخبارات ئۇرۇشى ئاللىقاچان يۇقىرى پەللىگە يەتتى. رۇسىيە، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىزنى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ» دەپ قارىسا، غەربمۇ رۇسىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ سۈركىلىشنىڭ رايون دۆلەتلىرىگە پاسسىپ تەسىرى كۆرسىتىشى مۇقەررەردۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر