تۈركىيەنىڭ باشىكا ھەربىي بازىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (69)

1626744
تۈركىيەنىڭ باشىكا ھەربىي بازىسى

تۈركىيەنىڭ باشىكا ھەربىي بازىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (69)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ باشىكا ھەربىي بازىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

ئىراقتا ئامېرىكانىڭ ئەربىلدىكى ھەربىي بازىسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ موسۇلدىكى باشىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقى، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دىققەتلەرنى بۇ رايونغا مەركەزلەشتۈردى.

موسۇلنىڭ شىمالىدىن 25 كىلومىتىر ئۇزاقلىقتىكى تۈركىيەنىڭ چوڭ ھەربىي بازىسى نېمە ئۈچۈن ھۇجۇم نىشانى بولدى؟ ئارقىسىدا كىملەر بار؟ دېگەن سوئال تولىمۇ مۇھىم. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىلدە سىنجار قاتارلىق  جايلاردا تۈركىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۈرىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىشى تولىمۇ مۇھىم.

گەرچە تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن چوڭ - كىچىك ھەربىي بازالىرى ۋە كىچىك تىپتىكى قوماندانلىق مەركەزلىرى بولسىمۇ، ئەمما باشىكا بازىسى ھەم چوڭلىقى، ھەم ھەربىي ئەسلىھەلىرى جەھەتتە ھەممىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇراتتى. يەنە كېلىپ، بۇ بازا يالغۇز تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەش جەھەتتىنلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە موسۇلدىكى تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تازىلىنىشىغا ۋە رايوندا مۇقىملىق ۋە تەڭپۇڭلۇقنىڭ تېگىشلىك شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلىشىغا خىزمەت قىلماقتا ئىدى.  

بۇ بازا «ھاشدى ۋەتەنى» كۈچلىرىگىمۇ ئۇزۇن مۇددەت ساھىبخانلىق قىلغان ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ كۈچلەرنى  دائېشقا قارشى تەربىيەلىگەن ئىدى. تەبىئىي ھالدا بۇ ئەھۋال رايوندا مەزھەپپەرەس سىياسەت يۈرگىزىۋاتقان «ھاشدى شاببى» تەشكىلاتى ئىچىدىكى بىر قىسىم رادىكال گۇرۇپپىلارنى تولىمۇ بىئارام قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ باش مىنىستىر مالىكى مەزگىلىدە ئىرانغا يېقىن كۈچلەرنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ بازىنى بېكار قىلىشى ئۈچۈن، تەھدىت ۋە بېسىملار ئىشلىتىلىشكە باشلانغان ئىدى. ئەمما تۈركىيە بۇ پوزىتسىيەلەرگە پىسەنت قىلماستىن، ئىراق ھۆكۈمىتى مەسئۇللىرى بىلەن مەسىلىنى ئىجابىي شەكىلدە ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.

ئەمدىلىكتە باشىكا بازىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى، يەنە كېلىپ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى سىنجار رايونىدىن تازىلاش مەقسىتىدە بىر ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر ئالامەتلەر كۆرۈلىۋاتقان بىر پەيتتە ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئەقىللەرگە قايتىدىن «ھاشدى شاببى» ئۇنسۇرلىرىنى ئېلىپ كەلمەكتە.

ھاشدى شاببىغا قاراشلىق كۈچلەرنىڭ سىنجاردا كۈنسېرى كۈپىيىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە ئەربىل-باغدات كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا پ ك ك نىڭ يەرلىك ئۇنسۇرلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى ھېسابقا قوشقاندا، ئىرانغا يېقىن ئۇنسۇرلارنىڭ تۈركىيەگە قارشى ھەرىكەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالايمىز. ئاخىرقى ھېسابتا، سىنجار ئىران ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون.  ئىران بۇ رايوننى سۈرىيەگە بىۋاستە تۇتىشىدىغان ئەشيا ئوبوروتى لىنىيەسى دەپ قاراپ كەلمەكتە ۋە ئۇنى قولدىن بېرىپ قويۇشنى قەتئىي خالىمايدۇ. لېكىن بۇ نىشانىنى پ ك ك بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىششى ھەقىقەتەن ئېغىر خاتالىق.

ئاخىرىدا، تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيە لىنىيەسىدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ رايون ھاكىمىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك ھېچ بىر ئىشتىن  يانمايدىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا. ئىرانغا يېقىن گۇرۇپپىلارنىڭ سۈرىيەدە، بولۇپمۇ ئافرىن رايونىدا  مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇرۇنۇشلىرى بولغان ئىدى، لېكىن ئاقىۋىتى تولىمۇ يامان بولدى. تۈركىيە ئارمىيەسى نۇرغۇنلىغان شىئە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى پ ك ك بىلەن قوشۇپ ئۇجۇقتۇرغان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئىرانغا يېقىن كۈچلەر تۈركىيەنى ئىراقنىڭ شىمالىدا سىناق قىلماقتا. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن ھەرگىز ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر