كەبىگە ۋە مەسجىدى نەبەۋىگە پەقەت ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەر كىرەلەيدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان رامىزاندا مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەمدە پەقەت كوۋىد -19 ۋاكسىناسى ئەملەنگەن ياكى ئىلگىرى يۇقۇملىنىپ ساقايغان كىشىلەرنىڭلا  ئۆمرە قىلالايدىغانلىقىنى ۋە ناماز ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1615744
كەبىگە ۋە مەسجىدى نەبەۋىگە پەقەت ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەر كىرەلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەج ۋە ئۆمرە مىنىستىرلىقىدىن بىر ئالاقىدار مەسئۇل يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوغدىنىش تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئالاقىدار مەسئۇل رامىزاندا كەبىدە مۇمكىن بولغان سىغىمچانلىق دائىرىسىدە، پەقەت كوۋىد -19 ۋاكسىناسى ئەملەنگەن ياكى ئىلگىرى يۇقۇملىنىپ ساقايغان كىشىلەرگىلا ئۆمرە قىلىش ۋە ناماز ئوقۇش رۇخسىتى بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان رامىزان مەزگىلىدە مەككىدىكى مەسجىدى ھەرەمدە ۋە مەدىنەدىكى مەسجىدى نەبەۋىدە بەش ۋاقىت ناماز، جۈمە  نامىزى ۋە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقىنى، دۆلەتتىكى باشقا جامىلەرنىڭمۇ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئالدىنقى يىلى كەبىدە ۋە مەسجىدى نەبەۋىدە نامازلارنىڭ جامائەتسىز ئوقۇلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر