ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيە زالىدىكى ۋەقەدە 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ھىندىستاننىڭ تېلەنگانا ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇرياپەت شەھرىدە تەنتەربىيە زالىدىكى تامىشىبىنلار سۇپىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.
1606665
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ تېلەنگانا ئۆلكىسىگە قاراشلىق سۇرياپەت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 47-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر كاباددى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدا، مۇسابىقىنى كۆرۈۋاتقان تاماشىبىنلار ئولتۇرغان سۇپا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
ھىندىستان مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
يارىلانغانلاردىن ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.