25.02.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1590410
25.02.2021

«‹ساباھ› گېزىتى»،  «ئەردوغان: <بىز ھەر بىر تامچە قاننىڭ ھېسابىنى ئالىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەدالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا: «تېرورلۇققا قارشى كۈرەش ساھەسىدە باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ ئىجابىي نەتىجىسىنى كۆرۈشكە باشلىدۇق. ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قېتىلغانلارنىڭ سانىدا، ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلمەكتە. مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە باراۋەرلىكىگە قەست قىلغان پەسكەشلەردىن ھەر بىر تامچە قاننىڭ ھېسابىنى ئالىمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»،  «خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۇرۇش ئورگىنى مۇدى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققيات مۆلچىرىنى يۇقىرى كۆتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەلقئارا كرېدىتنى دەرىجىلەندۇرۇش ئورگىنى مۇدى تۈركىيەنىڭ 2021-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچىرىنى %3.5 تىن %4 گە ۋە 2022-يىللىق تەرەققىيات مۆلچىرىنى %4 تىن %5 گە ئۆرلەتتى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «ئىستانبۇل ئايرودورۇمى خەلقئارا ئايرودورۇم كېڭىشىنىڭ كېلىمات دوستى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرودورۇملىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل ئايرودورۇمى ئايرودورۇم كاربون ئېتىراپنامىسى دائىرىسىدە خەلقئارا ئايرودورۇم كېڭىشى (ACI) تەرىپىدىن تارقىتىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك كېلىمات دوستى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايرودورۇم گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشتى.

«‹ستار› گېزىتى»، «كلېئوپاترا دېڭىز ساھىلى ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى دېڭىز ساھىلى تىزىملىكىگە كىردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنيا مىقياسىدا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ساياھەت مۇئەسسىسەلىرى ھەققىدىكى پىكىرلىرى تەتقىق قىلىنىدىغان ۋە ھەمبەھىرلىنىدىغان بىر خەلقئارالىق تور بېكەتتىكى بېلەت تاشلاشتا، 2021-يىلدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن دېڭىز ساھىللىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى. ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى دېڭىز ساھىلى تىزىملىكىدە تۈركىيەدىن ئانتاليانىڭ ئالانيا رايونىدىكى كلېئوپاترا دېڭىز ساھىلى ئورۇن ئالدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيە ، روسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ 2021-يىلىدا ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

روسىيەنىڭ «Yandex.Travel» شىركىتى رۇسىيەدە تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم بىلەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە ،%68 پۇقرا باشقا دۆلەتلەرنى چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش پۇرسىتىنىڭ ئۇلارنىڭ تەتىل پىلانىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. راي سىناشقا قاتناشقانلار تۈركىيەنى بۇ يىل ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان دۆلەتلىرى قاتارىدا كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر