ياسىمىن ھاررىسون ئاتلانتىك ئوكياننى قولۋاق بىلەن يالغۇز كېسىپ ئۆتكەن ئەڭ ياش ئايالغا ئايلاندى

ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق 21 ياشلىق ياسىمىن ھاررىسون ئاتلانتىك ئوكياننى قولۋاق بىلەن يالغۇز كېسىپ ئۆتكەن ئەڭ ياش ئايالغا ئايلاندى.

1588221
ياسىمىن ھاررىسون ئاتلانتىك ئوكياننى قولۋاق بىلەن يالغۇز كېسىپ ئۆتكەن ئەڭ ياش ئايالغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تالىسكېر ۋىسكى ئاتلانتىك ئوكيان قولۋاق مۇسابىقىسىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاتلانتىك ئوكيان دوئېل جەمئىيىتى، ياسىمىن ھاررىسوننىڭ ئىسپانىيەدىن ئانتىگۇئاغىچە بولغان 4800 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى يالغۇز تاماملاپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن كېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ياسىمىن ھاررىسون ئاتلانتىك ئوكياننى قولۋاق بىلەن يالغۇز كېسىپ ئۆتكەن ئەڭ ياش ئايالغا ئايلانغان.

ياسىمىن ھاررىسوننىڭ تالىسكېر ۋىسكى ئاتلانتىك ئوكيان مۇجادىلىسىنى 2020-يىلى 12-ئايدا كانارىي ئارىلىدىكى لا گومېرادىن باشلاپ، 70 كۈن، 3 سائەت 48 مىنۇتتا ئانتىگۇئاغا يېتىپ بېرىش ئارقىلىق تاماملىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھەرقانداق بىر ئوكياندا يالغۇز قولۋاق ھەيدىگەن ئەڭ ياش ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى بىر دۇنيا رېكورتى ياراتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر