تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى رۇسىيەدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە

تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا رۇسىيە كېلىدۇ.

1568910
تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى رۇسىيەدە كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ت ر ت نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، بولۇپمۇ رۇسىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە.

رۇسىيەنىڭ «<رىيا نوۋوستى> ئاگېنتلىقى»، تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشى ھەققىدە بىر ئانالىز ئېلان قىلدى.

«تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆركەم  يۈز يىلى» سەرلەۋھىلىك ئانالىزدا، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ماختالدى.

«تۈركلەر ئېممىي مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرماقتا» دېيىلگەن ئانالىزدا، رۇسىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلۇۋاتقان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىلدى.

ئانالىزدا، تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە يېقىنقى يىللاردىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى غەربنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، مۇھاپىزىكار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر.»

تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈشىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوبرازىنىڭمۇ ھەسسىسى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن ئانالىزدا، تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ يۈزدىن ئارتۇق دۆلەتتە قويۇلۇشقا باشلىغانلىقى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ 500 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئانالىزدا يەنە، تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارالىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە فىلىم ساھەلىرىنىڭمۇ تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا تېخىمۇ كەڭ ئورۇن ئاجرىتىشقا باشلىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر