21.01.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1568151
21.01.2021

گېرمانىيەنىڭ «‹Zdf.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېرنىڭ جو بايدېننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقى ۋەزىپىسىنى باشلىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى گېرمانىيەدە ئەركەك چۆجىلەرنى يوقۇتۇش مەنئىي قىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Sueddeutsche. Zeitung› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدىكى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى ۋە دۇكانلاردا «FFP2» (ماسكا تىپى) ياكى تىببىي ماسكىلارنىڭ مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹La Vanguardia› گېزىتى»، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد شەھەر مەركىزىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئاز دېگەندە 3  كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»،  ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى جو بايدېننىڭ بارلىق ئامېرىكىلىقلارنى «ھەممىنى قايتىدىن باشلاشقا» چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ دۆلەت مەجلىسىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسېن›  گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان (كەلگۈسىدىكى) يولۇچىلار ئۈچۈن كوۋىد-19 تەكشۈرىشىنى مەجبۇرى ھالغا كەلتۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ سەھىيە ساھەسىدىكى جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، «CFCM» (فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى) گە قاراشلىق ئۈچ فېدېراتسىيەنىڭ (فىرانسىيەدە) ئىسلام (پىرىنسىپلىرى) نىزامنامىسى ھۆججەتلىرىگە ھازىرقى شەكىلدە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى، «ئامېرىكادا قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نىتانىياھۇنىڭ (ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى)  جوبايدېننى ئىران بىلەن يۈزلىشىشكە  چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، (ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى) دونالد ترامپنىڭ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بىر سائەت ئىلگىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە تولىمۇ پايدىلىق چوڭ قورال-ياراغ كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، مىسىرنىڭ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى خەۋەر  قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى»،  2020 - -يىلىدا رۇسىيەگە كەلگەن چەتئەللىكلەر سانىنىڭ 2019 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %70 ئازايغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، ناسانىڭ رۇسىيەدىكى ۋەكىللىك ئىشخانىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتماقچى بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«رۇسىيەدە بۈگۈن گېزىتى»: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنىكا ۋە ئاممىۋى ئالاقە نازارەتچىلىك ئورگىنى (Roskomnadzor) نىڭ «رۇسىيە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى VKontakte تە ھەمبەھىرلەنگەن (تۈرمىدىكى ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان) نامايىش چاقىرىقلىرىنى ئۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر