ئالتۇن: BİP ۋە YAAY پىروگراممىلىرىغا بولغان مايىللىقنىڭ ئېشىشى ناھايىتى مۇھىم

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن  شەخسىي سانلىق مەلۇماتلار مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچەملەر ئالدىدا BİP ۋە YAAY قاتارلىق مىللىي پىروگراممىلارغا بولغان مايىللىقنىڭ ئېشىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

1566778
ئالتۇن: BİP ۋە YAAY پىروگراممىلىرىغا بولغان مايىللىقنىڭ ئېشىشى ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ياشلار فوندى تەرىپىدىن ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈرك ياشلارغا قارىتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «دىگىتال دەۋردە مېدىيا ساۋاتلىرى» لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا چاقىرىلدى.

ئالتۇن، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان يىغىندا، يېقىنقى يىللاردا، سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانىي كۈچى كۈنسېرى زورىيىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، ئوخشاش ۋاقىتتا بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈش ئۇرۇشىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، يامان غەرەزلىك كۈچلەرنىڭ ئەنقەرەنىڭ كۈچىنى خورىتىش ئۇرۇشىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە تۈركىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنىڭمۇ تېزلىك بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئالتۇن، تۈركىيەنىڭ ئېتىبارىغا زىيان يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ،  كىلاسسىك شەكىلدە ياكى دىگىتال ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئالتۇن، بىر چەت ئەل پىروگراممىسى (WhatsApp) نىڭ «ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇرىنى ھەمبەھىرلەش» قارارىدىن كېيىن، شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ، بۇ پىروگرامما ئۈستىدىن، چەت ئەلگە سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش ۋە ئاساسىي پرىنسىپلار جەھەتتىن تەكشۈرۈش باشلاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شەخسىي سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداشقا بولغان تونۇشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مىللىي تېخنولوگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىشنىڭمۇ ناھايىتى مۇھىملىقى تېخىمۇ ياخشى ئايدىڭلاشتى. شەخسىي سانلىق مەلۇماتلار مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچەملەر ئالدىدا BİP ۋە YAAY قاتارلىق مىللىي پىروگراممىلارغا بولغان مايىللىقنىڭ ئېشىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر