ياپونىيە خەلقنىڭ %80 ى توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى خالايدۇ
ياپونىيەدە خەلقنىڭ %80 ى دېگۈدەك ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشىنى خالايدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقى 700 دىن ئارتۇق ئىختىيارىي تاللانغان كىشى ۋە 1200 دىن ئارتۇق كۆچمە تېلېفون نومۇرى بار كىشىلەر بىلەن راي سىناش ئېلىپ باردى.
توكيودا ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مۇسابىقە توغرىسىدىكى سوئالغا، قاتناشقۇچىلارنىڭ %35.3 ى «ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەرگەن بولسا، %44.8 ى «كېچىكتۈرۈلۈشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد -19 تەدبىرلىرىدىن رازى بولمىغانلارنىڭ نىسبىتى %68.3 ۋە يۇقۇمغا قارشى كۈرەشنىڭ يېتەرلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ نىسبىتى %24.9 بولغان.
تەخمىنەن %79.2 كىشى توكيو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنىڭ كېچىككەنلىكىنى، %78 كىشى جىددىي ھالەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەخمىنەن بىر ئاي داۋاملىشىدىغان جىددىي ھالەت تەرتىپىنى يېتەرلىك كۆرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %39.8 بولغان بولسا، بۇ مەزگىلنىڭ مۇددىتىنى قىسقا دەپ قارايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %46.6 بولغان.
2020 - يىلى سېنتەبىردە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باش مىنىستىر سۇگا يۆشىھىدەنى خەلقنىڭ قوللاش نىسبىتى دېكابىردا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە %9 ئازىيىپ، %41.3 گە تۆۋەنلىگەن.
سۇگا يۆشىھىدەنىڭ «ياقتۇرۇلماسلىق نىسبىتى» %42.8 گە چىققان. «ياقتۇرماسلىق» سەۋەبلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا، %41.2 كىشىنىڭ «يۇقۇمغا قارشى كۈرەشتىكى رەھبەرلىكىنىڭ كەمچىللىكى» دەپ قارايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 27 - نويابىردا تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.