ئىمران خان تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق ئىسلام تارىخى ۋە ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە چاقىردى

پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۆلەتتە ئاممىغا ياخشى ئۈلگىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1540299
ئىمران خان تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق ئىسلام تارىخى ۋە ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان يەرلىك بىر تېلېۋىزىيە قانالىغا بەرگەن باياناتىدا، يانفوننى  خاتا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن جەمئىيەتنىڭ «ۋەيران بولغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، «بەزى ئىشلارنى چەكلىيەلمەيسىز، لېكىن ئاممىنى باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن تەمىنلىيەلەيسىز» دېدى.

ئىمران خان پاكىستاننىڭمۇ تۈكىيەنىڭ «يۇنۇس ئەمرە: ئىشق يولۇچىسى» ۋە «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئوخشاش ئەسەرلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى پاكىستاندا خەلقنى، بولۇپمۇ ياشلارنى تەربىيىلەپ، ياخشى ئۈلگە يارىتىشى ئۈچۈن تارقىتىلىۋاتىدۇ» دېدى.

پاكىستاندا ئىمران خاننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالدىنقى رامىزان ئېيىدا «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ۋە «يۇنۇس ئەمرە: ئىشق يولۇچىسى»   ئوردۇ تىلىدا ئاۋاز بېرىلىپ، دۆلەت تېلېۋىزىيىسى PTV دا ھەر ھەپتە بېشىدا تارقىتىلىشقا باشلانغان ئىدى.

ئىمران خان 1 – دىكابىردىكى باياناتىدا، «PTV دا تارقىتىلغان <يۇنۇس ئەمرە> تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سوپىزمغا قىزىقىدىغانلارغا كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن» دېگەن ۋە 25 – ئاپرېلدىمۇ «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «پاكىستانلىق ياشلار ئىسلام تارىخى ۋە ئەخلاقىنى تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنەلەيدۇ» دېگەن ئىدى.

پاكىستاندا زور قىزىقىشقا ئېرىشكەن «تىرىلىش ئەرتۇغرۇل» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ  «YouTube» دىكى «TRT Ertugrul by PTV» قانىلىنىڭ ئابونت سانى قىقىغىنا ۋاقىتتا 10 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر