ياۋروپانىڭ <ئىرىنى>، يەنى قانۇنسىز پاراخوت تەكشۈرۈش شەرمەندىچىلىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (48)

1535494
ياۋروپانىڭ <ئىرىنى>، يەنى قانۇنسىز پاراخوت تەكشۈرۈش شەرمەندىچىلىكى

ياۋروپانىڭ <ئىرىنى>، يەنى قانۇنسىز پاراخوت تەكشۈرۈش شەرمەندىچىلىكى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (48)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروپانىڭ <ئىرىنى>، يەنى قانۇنسىز پاراخوت تەكشۈرۈش شەرمەندىچىلىكى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 

ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولۇپمۇ گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بىر شەرمەندىچىلىك يۈز بەردى. لىۋىيەگە بوياق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان تۈركىيە بايراقلىق «Roselina-A» ئىسىملىق سودا پاراخوتى «ئىرىنى» ھەرىكىتى دائىرىسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان «Hamburg» ناملىق گېرمانىيە ھەربىي پاراخوتى تەرىپىدىن توسۇۋېلىندى. ھەربىي پاراخوتتىكى ئەسكەرلەر تۈركىيەدىن رۇخسەت ئالماستىن، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن سودا پاراخوتىغا قونۇپ، مەجبۇرىي ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بۇ يىلنىڭ بېشىدا لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئىرىنى» ھەرىكىتى مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتتا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى دائىرىسىدە، تۈركىيە بايراقلىق «Roselina-A» ئىسىملىق سودا پاراخوتىنىڭ بايراق ئىگىسى دۆلەتنىڭ رۇخسەت جاۋابى كەلمەستىنلا ئاختۇرۇلغانلىقى،  بىنغازى پورتىدىن 160 ئىنگلىز مىلى شىمالدا خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە كېتىۋاتقان پاراخوتقا ئەسكەرلەرنىڭ چىقىلغانلىقى، پاراخوت كاپىتانى ۋە پاراخوت خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى، بايراق ئىگىسى دۆلەتنىڭ پاراخوتنى ئاختۇرۇشقا قارشى چىققانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت توختىتىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ پاراخوتتىن ئايرىلغانلىقى ۋە پاراخوتنىڭ ئۆز يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلىشىگە يول قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا يەنە، ئاختۇرۇش جەريانىدا پاراخوتتا ھېچقانداق قانۇنسىز يۈك يوقلىقىمۇ مەلۇم بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە بولسا، ئەسكەرلەرگە ھەمكارلاشقان پاراخوت كاپىتانىغا ۋە خادىملىرىغا جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلىنغانلىقى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بايراق ئىگىسى دۆلەت بولغان تۈركىيەنىڭ رۇخسەت بەرمەيدىغانلىقى بىلىنگەن ھامان ئاختۇرۇش توختىتىلىپ، پاراخوتنىڭ  ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا  يول قۇيۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ بايان بايراق ئىگىسى دۆلەتنىڭ رۇخسىتىسىز پاراخوتنى ئاختۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دېمەككى، گېرمانىيە ھەربىي پاراخوتى «Hamburg» نىڭ خادىملىرى ئۆزى تەۋە بولغان گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە رەتكە تېزىلغان قائىدىلەرگە پىسەنت قىلمىغان ۋە تۈركىيە بايراقلىق سودا پاراخوتى «Roselina-A» غا قانۇنسىز ئارىلىشىش ئېلىپ بارغان. بايراق ئىگىسى دۆلەتنىڭ رۇخسىتسىز ۋە پاراخوت كاپاتانىنىڭ ماقۇللىقىسىز خۇددى دېڭىز قاراقچىلىرىدەك پاراخوتتا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان ۋە ئاخىرىدا «تۈركىيەنىڭ رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى بىلىنگەنلىكى ئۈچۈن ئاختۇرۇشنى توختىتىپ پاراخوتتىن ئايرىلدۇق» دېگەندەك غەلىتە باياناتنى ئېلان قىلغان.

بۇ مۇداخىلىدە گېرمانىيە پاراخوتىنىڭ ئۆز قائىدە – قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويايلى،  لېكىن تۈركىيە باشتىنلا «مەقسەت ۋە مەنپەئەتى تالاش-تارتىشلىق، ئۆز بېشىمچى بىر ھەرىكەت»  دەپ باھا بەرگەن  «ئىرىنى ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، تۈركىيەگە  ئېمبارگو يۈگۈزىلىشىگە قارشى تۇرۈپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ تەشەببۇسنىڭ ئارقىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا ئورۇن ئالغان فىرانسىيەنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان قورال ئېمبارگوسىغا ئەڭ كۆپ خىلاپلىق قىلغان ۋە لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئاكتىيورلارنىڭ كاتتىبېىشى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم.

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ لىۋىيەگە قاراتقان قورال ئېمبارگوسى قارارلىرىنى باھانە قىلىپ قۇرۇلغان ئاتالمىش «ئىرىنى ھەرىكىتى» فىرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە ماس ھالدا لايىھەلەپ چىققان شەرقىي ئاق دېڭىز سىياسىتىنىڭ بىر ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇلدى. بۇنى گېرمانىيەنىڭ قوللىشى، ھەم بېرلىن، ھەم بىريۇسسېلغا نىسبەتەن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغان ئەھۋالدۇر. 2004 – يىلى 1 - مايدا خاتا ھالدا قىبرىس رىم تەرەپ ھاكىمىيىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي ئاق دېڭىز مەسىلىسىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىۋالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەمدىلىكتە لىۋىيە مەسىلىسىدە ئوخشاش خاتالىقنى داۋاملاشتۇرۇش پوزىتسىيەسىدە ئىكەنلىكى ئېنىق.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر