ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق 12 ياشلىق تۈرك ئۆسمۈر شاھماتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 100 نىڭ بىرسى بولدى

ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق 12 ياشلىق كاغان ئۇز شاھماتتا ئۆزىنىڭ ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئارىسىدا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىردى.

1532180
ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق 12 ياشلىق تۈرك ئۆسمۈر شاھماتتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 100 نىڭ بىرسى بولدى

 

 

6 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ شاھمات ئويناشنى ئۆگەنگەن ۋە 9 ياشتىن باشلاپ شاھماتنى قائىدىلىك ئويناشنى باشلىغان كاغان ئۇز ئامېرىكا شاھمات بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان نويابىرسىكى تىزىملىكتە دۇنيا بويىچە 82 – ۋە  ئامېرىكا بويىچە 77 – ئورۇنغا ئىگە بولدى.

نېۋادا ئىشتاتىنىڭ رېنو شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق كاغان ئۇزنىڭ ئېيتىشىچە ، يۇقۇم باشلىنىشتىن  ئىلگىرى، ئاتا-ئانىسى ئۇنى شاھمات كۇلۇبىغا يادۇرغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بولسا توردا ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان.

كاغان ئۇز: «مەن شاھماتقا ماھىر بولۇشنى ۋە داۋاملىق ئويناشنى خالايمەن. مېنىڭ توختاپ قېلىش پىلانىم يوق. مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشنى ۋە تېخىمۇ ياخشى بولۇشنى خالايمەن» دېدى.

ئانىسى ئىرەم ئۇز ئوغلى كاغان ئۇزنىڭ ئاۋغۇستتىن بېرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بويىچە  ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكى بىلدۈرۈپ: «مەن كاغاننىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان بىر ئويۇنى بارلىقىنى ۋە  شاھماتقا ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئەمما ئۇنىڭ بۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. تىزىملىكتە ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ھەمدەم بولۇشنى پىلانلاۋاتىمەن ۋە  مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر