سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان پ ك ك تەھدىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (74)

1531381
سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان پ ك ك تەھدىتى

سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان پ ك ك تەھدىتى 

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (74)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان پ ك ك تەھدىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** ** **** * *****

سۈرىيەدىكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، قايتىدىن مەۋجۇتلۇققا ئېرىشكەن پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق دەسلەپتە ئافرىن، كوبانى ۋە جەزىرە قاتارلىق كىچىك مەمۇرىي رايونلىرىنى ئېلان قىلدى. ئاندىن دائېشقا قارشى كۈرەشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، كىچىك مەمۇرىي رايونلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلايدىغان شەكىلدە كېچىك تېرور دۆلىتى قۇرۇشقا ئۇرۇندى. تۈركىيە بۇ تەھدىتلەرنى ئالدىن كۆرۈپ يەتكەن بولغاچقا ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. دەسلەپتە فىرات قالقىنى، ئاندىن زەيتۇن شېخى ۋە ئاخىرىدا تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەھدىتنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتە غەلىبە قىلدى. بىراق پ ك ك نىڭ مەۋجۇتلۇقى رايوندا ھېلىھەممۇ داۋاملاشماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان پ ي د/ ي پ گ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى بىرلىك سۈپىتىدە، ئەرەبلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى س د گ فىراتنىڭ شەرقىدىكى ئاين ئەرەبتىن خاسەكەغىچە، جەنۇپتا راققە ۋە دەيرىززورغىچە، غەرىپتە مۇنبىچ ۋە تەل رىفات رايونىغىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇلار بۇ رايونلاردا مەمۇرىي قۇرۇلما بەرپا قىلىپ، سۈرىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقىنىڭمۇ مۇھىم بىر قىسمىنى ئامېرىكانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا كونتىرول قىلماقتا. بۇ تەشكىلات ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، رايوندىكى كەڭ دېھقانچىلىق يەرلىرىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئەسلىدىنلا كەمچىل بولغان سۇ بايلىقىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. گەرچە تۈركىيە ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بارغان «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» ئارقىلىق تەل ئابياد ۋە راسۇل ئايىنغا ئوخشاش رايونلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، تېرورلۇق تەشكىلاتى ھازىرمۇ تەخمىنەن 40 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان رايونىنى غەيرىي رەسمىي شەكىلدە  ئالقىنىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.

تۈركىيە «تىنچلىق بۇلىقى ھەرىكىتى» دىن كېيىن دەسلەپتە ئامېرىكا بىلەن، ئاندىن رۇسىيە بىلەن رايونغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى تۈزدى. بولۇپمۇ سوچىدا رۇسىيە بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھدىنامە ئىمزالىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، تېرورلۇق تەشكىلاتى ئاينەل ئەرەبتە مالىكىيە-فىشابور لىنىيىسىگىچە بولغان رايوندىن جەنۇبقا قاراپ 32 كىلومىتىر چېكىنىشنى قوبۇل قىلدى. بىراق ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلمىغانلىقىنى كۆرۈلمەكتە. تېرورلۇق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەل رىفات، ئايىن ئىسسا ۋە تەل تامىر رايونلىرىنى ئىشلىتىپ، تۈركىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا داۋاملىق دېگۈدەك تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنى قىلىپ كەلمەكتە. كۆپىنچىسى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن قىلىنغان بۇ ھۇجۇملاردا يۈزلىگەن پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. تېررولۇق تەشكىلاتى بۇ ئارقىلىق «ئازاد قىلىنغان رايونلار» نىڭ مۇقىملىقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.

شۇڭا تۈركىيە نۇقتىسىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى مەجۇتلىقى تەھدىت شەكىللەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى چېگرا لېنىيەسىدىن 32 كىلومىتىر جەنۇبقا چېكىنمىگەن تەقدىردە، ئۇلارغا قارشى يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىشىمۇ چوڭ ئېھتىماللىق. ھازىرقى ئەھۋالدا پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقى فىراتنىڭ ھەم شەرقى ھەم غەربى ئۈچۈن ھەممىلا شارائىتتا تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر