ب د ت ھەر يىلى 18 - نويابىرنى «خەلقئارا ئىسلام سەنئەت كۈنى» ئېلان قىلدى
ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» ھەر يىلى 18 - نويابىرنى «خەلقئارا ئىسلام سەنئەت كۈنى» ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، 40 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان قارارغا بىنائەن، ھەر يىلى 18 - نويابىرنىڭ «خەلقئارا ئىسلام سەنئەت كۈنى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ سەنئەت ساھەسى ۋە ئىسلام سەنئىتى ئارقىلىق مەدەنىيەتكە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە تونۇشنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«خەلقئارا ئىسلام سەنئەت كۈنى» نىڭ باشقا سەنئەت ھەرىكەتلىرىگە ئىلھام بېرىدىغانلىقى ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا يېقىنلىشىشنى رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىسلام سەنئىتىنىڭ زور قىزىقىش قوزغايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا يەنە، دۇنيا مىقياسىدا 18-نويابىرنىڭ تەبرىكلىنىشىنىڭ كۈلتۈر كۆپ خىللىقىغا، پىكىر ئەركىنلىكىگە، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋە مەدەنىيەتلەر ئارا ئالاقىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
باياناتتا، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ ھەممەيلەننى «خەلقئارا ئىسلام سەنئەت كۈنى» گە تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغانلىقى جاكارلاندى.
ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO»نىڭ باش دېرىكتورى ئاۋدرېي ئازۇلايمۇ باياناتىدا، ئىسلام سەنئىتىنىڭ داۋاملىق ئۆزىنى يېڭىلاپ، دۇنيادىكى باشقا بارلىق كۈلتۈرلەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاۋدرېي ئازۇلاي «خەلقئارا ئىسلام سەنئەت كۈنى» نىڭ 14 - ئەسىردە تارقالغان بۇ پەۋقۇلئاددە مىراسنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئېلان قىىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسلام سەنئەت تارىخىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تونۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.