ئەلى ئەرباش فىرانسىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەرباش خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەشكە چاقىرىق قىلدى.

1515401
ئەلى ئەرباش فىرانسىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ئەرباش تىۋىتتېردىكى يازمىسىدا، ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلىگەن ھاقارەتلىك ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ فىرانسىيەدىكى دۆلەت بىنالىرىدا ئەكىس ئەتتۈرىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئەلى ئەرباش، «بىز مەۋلىدى نەبى (پەيغەمبەرنىڭ  تۇغۇلغان) ھەپتىلىكىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتقان بۇگۈنكى كۈنلەردە، ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەيدىغان ھاقارەتلىك ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ فىرانسىيەدىكى دۆلەت بىنالىرىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ رەسمىي ئورگانلار تەرىپىدىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى» دېدى.

ئەلى ئەرباش: «پەيغەمبىرىمىزگە، مۇسۇلمانلارغا ۋە مۇقەددىساتلىرىمىزغا كۆرسىتىلگەن بۇ پوزىتسىيەنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. غەزەپ - نەپرەتكە تولغان بۇ پوزىتسىيە ئارقىلىق ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنى كۈچەيتىدىغان ۋە ئىجتىمائىي تىنچلىقنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان بۇ خىل ئىددىيەلەرگە قارشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئاڭلىق كۈرەش قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر