ماچۇ پىچچۇ قەدىمىي شەھىرى ياپونىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئېچىلدى

ياپونىيەلىك ساياھەتچى ئالاھىدە رۇخسەت بىلەن ماچۇ پىچچۇ قەدىمىي شەھىرىنى قايتىدىن ئاچتۇردى.

1508323
ماچۇ پىچچۇ قەدىمىي شەھىرى ياپونىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدە ئورۇن ئالغان ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى تەدبىرلەر سەۋەبىدىن تاقىۋېتىلگەن ماچۇ پىچچۇ قەدىمىي شەھىرى  ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بىر ساياھەتچى ئۈچۈن ئېچىلدى.

ياپونىيەلىك ساياھەتچى دۇنياغا داڭلىق ئىنكا قەدىمكى شەھەر ماچۇ پىچچۇنى كۆرۈش ئۈچۈن نەچچە ئايغىچە ساقلىدى. بىراق تاجىسىمان ۋىرۇس تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن قەدىمكى شەھەرگە كىرەلمىدى.

ئۇ ئاخىرىدا پېرۇ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىغا ئالاھىدە تەلەپ يوللىدى. 15 - ئەسىردە سېلىنغان قەدىمىي شەھەر ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئېچىلدى.

7 ئايدىن كېيىن مەقسىتىگە يەتكەن ياپونىيەلىك ساياھەتچى سىن ئارقىلىق مىننەتدارلىق ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى  ۋە ئۆزىنىڭ  ئەمدىلىكتە دۆلىتىگە قايتىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ماچۇ پىچۇ قەدىمىي شەھىرىنىڭ نويابىردا قايتىدىن ساياھاتچىلەرگە ئېچىلىشى پىلانلانلاماقتا.

2007 - يىلى دۇنيانىڭ  7 ئاجايىباتىنىڭ بىرسى سۈپىتىدە تاللانغان قەدىمىي شەھەر يۇقۇم سەۋەبىدىن زىيارەتچىلەرنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى ئازايتىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر