توتتېنھام كوماندىسى مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن يەڭدى

جوسې مورىنىھونىڭ توتتېنھام كوماندىسى مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنى تارىخى مەغلۇبىيەتكە دۇچار قىلدى.

1502968
توتتېنھام كوماندىسى مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن يەڭدى
2020-10-04T181130Z_1600557157_UP1EGA417HZLE_RTRMADP_3_SOCCER-ENGLAND-MUN-TOT-REPORT.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن مانۇ كوماندىسىغا بىراقلا 6 توپ كىرگۈزگەن توتتېنھام كوماندىسى 1 گە قارشى 6 نەتىجە بىلەن تارىخىي ئەھمىيەتگە ئىگە نومۇرغا ئېرىشتى.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 4 – ھەپتىسىدىكى مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى 7 مىنۇتىدا 3 توپ كىرگۈزۈلدى.

ساھىبخان مانچېستېر 2 - مىنۇتتا برۇنو فېرناندېسنىڭ جازا توپى بىلەن ئالدىغا ئۆتتى.

4-مىنۇتتا تانگۇي ندومبېلې نومۇرنى تەڭپۇڭلاشتۇردى.

7-مىنۇتتا  خېڭمىن سون قالتىس بىر توپ  بىلەن توتتېنھامنى ئالدىغا ئۆتكۈزدى.

مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ئانتونىي مارتىئال 28 - مىنۇتتا ئېرىك لامېلاغا قىلغان ھەرىكىتى سەۋەبىدىن قىزىل كارتا بىلەن مۇسابىقىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. 2 مىنۇتتىن كېيىن خاررىي كېن پەرقنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.

37 - مىنۇتتا يەنە سەھنىگە چىققان خېڭمىن سون 1 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدا توتتېنھام توختىماستىن، 51-مىنۇتتا سېرگې ئاۋرىئېر 5-توپنى كىرگۈزدى.

79 - مىنۇتتا خاررىي كېننىڭ كىرگۈزگەن توپى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلىدى. 1 – قارشى 6 نەتىجە بىلەن چوڭ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈردى.

جوسې مورىنىھو كونا كوماندىسىغا قارشى ناھايىتى كەسكىن غەلىبىگە ئېرىشكەن بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر