ئەردوغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قۇربان ھيېتنى تەبرىكلەشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان، ئىران، ئۇممان، تۈركمەنىستان، ئالجىرىيە، تۇنىس، قىرغىزىستان ۋە بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قۇربان ھيېتنى تەبرىكلەشتى.

1465312
ئەردوغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن قۇربان ھيېتنى تەبرىكلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئۇممان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى قۇرباڭگۇلى بەردىمۇھەمەدوۋ، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇن، تۇنىس پىرېزىدېنتى قەيس سەئىد، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سوئورونباي جېنبېكوۋ، ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم سالىھ ۋە بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا خەلق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفونلاشقان، رەھبەرلەر تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلەشكەن، ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر