ئىيۇل ئېيىدا كىتاب نەشىر قىلىشتا رېكورت يارىتىلدى

ئىيۇل ئېيىدا 60 مىليون 637 مىڭ 920 پارچە كىتاب نەشىر قىلىنىپ، بارلىق زامانلارنىڭ ئېيۇل رېكورتى يارىتىلدى.

1464858
ئىيۇل ئېيىدا كىتاب نەشىر قىلىشتا رېكورت يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۆت كەسپىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئورگىنى بولغان  ۋە مىڭدىن ئارتۇق كىتاب نەشر قىلغۇچى ئەزاسى بار بولغان نەشرىياتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى مۇنىر ئۈستۈن،  ئىيۇل ئېيىدا 60 مىليون 637 مىڭ 920 پارچە كىتاب نەشىر قىلىنىپ، بارلىق زامانلارنىڭ ئېيۇل رېكورتى يارىتىلغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ كىتاب نەشر قىلىش ئوبوروتى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 16 -، يېڭى تېمىلىق كىتابلارنى نەشىر قىلىشتا 6 – قاتارغا يۈكسەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ جەھەتتە ئىتالىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتۇق. فىرانسىيە بىلەن بولسا دىنامىكىلىق بىر رىقابەت ئىچىدىمىز. نەشرىياتچىلەر، يازغۇچىلار، كىتابخانلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا – ئانىلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسى بۇ رېكورتنىڭ ساھىبىدۇر. بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كىتاب، ھەر جەھەتتىن قۇرغۇچى كۈچ بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر