ئەلى ئەرباش مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەرگە ئاياسوفيا جامەسى ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەرگە «ئاياسوفيائى جامى كەبىر شەرىف» نىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن مەكتۇپ يوللىدى.

1464027
ئەلى ئەرباش مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەرگە ئاياسوفيا جامەسى ھەققىدە مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش مەكتۇبىدا، «ئاياسوفيائى جامى كەبىر شەرىف» نىڭ يېڭىدىن تىرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قايتىدىن جامەلىك سالاھىيىتىگە ئېرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن ھېس قىلغان خۇشاللىقىنى ھەمبەھىرلىدى.

ئەلى ئەرباش ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن ھېس قىلغان جۇشقۇنلۇق ۋە خۇشاللىقىنى ئورتاقلىشىشنى خالىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئەلى ئەرباش مۇسۇلمانلارنىڭ 86 يىلدىن بېرى «ئاياسوفيائى جامى كەبىر شەرىف» كە بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەدىكى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ئاياسوفيا سۆيگۈسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى،  شۇ ۋەجىدىن قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان ئىبادەتخانىغا ئايلاندۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ يۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى،  تىياتىر ۋە ھەتتا  شېئىر- داستانلارنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇسۇلمانلارنىڭ «ئاياسوفيائى جامى كەبىر شەرىف» كە سازاۋەر بولغانلىقىدىن قانچىلىك شادلىققا چۆمگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەلى ئەرباش: "ئالللاھقا ھەمدۇ – سانالار بولسۇنكى، مانا بۈگۈن ئاياسوفيا ئۆز تەبىئىتىگە (خاراكتېرىغا) ئىگە بولدى.  جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھقا سەجدە قىلىنىدىغان جايغا ئۆزگەردى. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئاياسوفيانىڭ قايتا تىرىلىشى مەسجىدى ئەقسانىڭ ئازاد قىلىنىشىنىڭ بېشارىتى بولغۇسى. ئۇنىڭ بۇ تىرىلىشى ئىنشائاللاھ، ئىزىلگەن ۋە ئازاپ ئىچىدىكى مۆمىنلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىد مەنبەسى شۇنداقلا ئادالەت، رەھىم-شەپقەت ۋە ئەخلاق ئاساسىدا قەد كۆتۈرگەن مەدەنىيەتىمىزنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشىنىڭ تۇنجى بەلگىسى بولغۇسى» دېدى.

ئەلى ئەرباش مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى قۇربان ھېيتىنىمۇ تەبرىكلەپ: «جاناپلىرىڭلار بىلەن بىرگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاياسوفيادا بىر سەپتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ، ئەڭ چوڭقۇر، قەلبى سالام ۋە ھۆرمەتلىرىمنى سۇنىمەن» دېدى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر