سەئۇدى ئەرەبىستان ھاجىلارنىڭ مەككىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج پەرزىنى ئادا قىلماقچى بولغان گۇرۇپپىلارنىڭ مەككىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1461959
سەئۇدى ئەرەبىستان ھاجىلارنىڭ مەككىگە كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ بىلدۈرىشىچە، ھەج گۇرۇپپىلىرى مەككىگە يېتىپ بېرىشقا باشلىغان، مۇقەددەس ھەرەمدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قۇيۇلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى رۇخسەتسىز ھەج قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى ۋە مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تەدبىر قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان 16 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇ يىل ھەج ئىبادىتىنى پەقەت دۆلەت ئىچىدە ياشايدىغانلار بىلەنلا چەكلىك تۇتىدىغانلىقىنى، چەت ئەللەردىن ھاجىلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىستىرى تەۋفىق ئەر-رابىيەمۇ بۇ يىل ھەج قىلىدىغانلارنىڭ 65 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەكلىكىنى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر