ئايا سوفىيا جامەسىنىڭ 24 – ئىيۇلدا ئىبادەتكە ئېچىلىش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا

ئايا سوفىيا جامەسى، ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 24 - ئىيۇل قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەتكا ئېچىۋېتىلىدۇ.

1459151
ئايا سوفىيا جامەسىنىڭ 24 – ئىيۇلدا ئىبادەتكە ئېچىلىش تەييارلىقى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاخىرقى تەييارلىقلار داۋاملىشىۋاتقان جامەنىڭ ئىچىگە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە، چەكلىك ساندىكى كىشىلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

24 - ئىيۇل ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلىدىغان ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بۈگۈندىن ئېتىبارەن يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلىدۇ. ئالدى تەرىپى پولات توساقلار بىلەن توسىلىدۇ، سۇلتان ئەھمەد مەيدانىغا كىرىش يوللىرىنىڭ ھەممىسى تاقىلىدۇ.

ساقچىلار تەرىپىدىن ئىزدەش - تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى قۇرىلىدۇ. مەيداندا 17 مىڭ ساقچى خىزمەت قىلىدۇ ۋە سەھىيە نۇقتىلىرىمۇ بېكىتىلىدۇ.

جامەدىكى تاش تىزمىلار ۋە تەسۋىرلەر كىنو ئېكرانىغا ئوخشايدىغان يەلكەنلىك پەردە سىستېمىسى بىلەن يېپىلىدۇ.

ئايا سوفىيا جامەسىنىڭ ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەر سىرتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىدۇ.

ئايا سوفىيا جامەسى مەيدانى، سۇلتان ئەھمەد مەيدانى ۋە مەھمەت ئاكىف ئېرسوي باغچىسىدا 500 كىشىلىك گۇرۇپپىلار شەكلىدە ناماز ئوقۇلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

ئايا سوفىيا جامەسىگە كەلگەن يەرلىك ۋە چەتئەللىك زىيارەتچىلەر جامەنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر