«مەغرىب ئەرەب ئۆلىمالار بىرلىكى» ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىنى تەبرىكلىدى

«مەغرىب ئەرەب ئۆلىمالار بىرلىكى» ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىغا قارىتا «چوڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقە» دەپ باھا بەردى.

1453482
«مەغرىب ئەرەب ئۆلىمالار بىرلىكى» ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە، تۇنىس، ئالجىرىيە، ماراكەش ۋە ماۋرىتانىيە ئۆلىمالىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالىملار بىرلىكىنىڭ يازما باياناتىدا، «تۈركىيە خەلقى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى شۇنداقلا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەيمىز. بۇ چوڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ۋەقە، ئۈممەتنىڭ خۇشاللىقىدىن ھەمبەھىرلىنىمىز» دېيىلدى.

جامەلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان ۋەقىپلەر ئىكەنلىكى ۋە ھېچكىم بۇنىڭ ئەكسىچە ھەرىكەت قىلالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، «مەسجىدى ئەقسانىڭ تاجاۋۇزچى زىئونىستلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلىشى ۋە ئۈممىتىمىزنىڭ زالىملاردىن قۇتۇلىشىدىمۇ ئوخشاش شاتلىققا چۆمۈشنى ئاللاھتىن تېلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر