25 يىلدىن كېيىن سرېبرېنىتسا

«25 يىلدىن كېيىن سرېبرېنىتسا»/ «TRT World» مۇنبىرى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نۇقتىلىق تېما قىلدى.

1450868
25 يىلدىن كېيىن سرېبرېنىتسا

25 يىلدىن كېيىن سرېبرېنىتسا

 

«25 يىلدىن كېيىن سرېبرېنىتسا»/ «TRT World» مۇنبىرى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نۇقتىلىق تېما قىلدى.

 

«TRT World» مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان «ئىنتېرنېت مۇلاھىزە» پروگراممىسى، سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 25 - يىلىدا ئالاھىدە مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر ھەپتە بۇيىچە يىغىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. بۇ يىغىنلاردا 8 مىڭدىن ئارتۇق بوسنىيە پۇقراسى قىرغىن قىلىنغان سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، كىشىلىك ھوقۇق، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى پىرىنسىپى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

 

«TRT World» مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرغان « ئىنتېرنېت مۇلاھىزە» پروگراممىسىنىڭ بىرىنچىسى بۆلۈمى (7 – ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى) «سرېبرېنىتسا: 25 يىلدىن كېيىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەش» تېمىسى ئاستىدا «TRT World» مۇنبىرى،  Youtube قانىلى، Twitter ۋە Facebook ھېسابلىرىدا سائەت 20:00 دە نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. سرېبرېنىتسانى خاتىرىلش فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور ۋاقار ئازمى نۇتۇق سۆزلىگۈچى بۇلۇپ  قانتىشىدىغان يىغىن بۆلۈمىدە، مۇرەسسەلىشىشكە توسقۇنلۇق قىلغان سەۋەبلەر، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئىستراتېگىيىسى، سېربىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىش چاقىرىقلىرىنىڭ يارىشىشقا قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:

 

8-ئىيۇل، چارشەنبە، سائەت 20:00 دە

«سابىق يۇگوسلاۋىيە جىنايى ئىشلار سوتى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى تەپتىشى»

ئامېستېردانم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور نېۋېنكا ترومپ ۋىركىچ،

 

9-ئىيۇل، پەيشەنبە، سائەت  19:00 دا

 «ب د ت نىڭ سرېبرېنىتسانى قوغداش مەسئۇلىيىتى»

خەلقئارا ئەدلىيە پالاتاسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە رەئىسى توبى كادمان (گېرنىكا 37)

 

10-ئىيۇل، جۈمە، سائەت  20:00 دە

«سرېبرېنىتسادا خەلقئارا ئادالەت قانداق مەغلۇب بولدى؟»

يۇگۇسلاۋىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتقا تارتىلغان سابىق يۇگۇسلاۋىيە پىرېزىدېنتى سلوبودان مىلوسېۋىچنىڭ باش مۇپەتتىشى،  سۆر گېئوفرېي نايس

 

11 – ئىيۇل شەنبە، سائەت 20:00 دە

«بوسنىيە ئۇرۇشى ۋە سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنسانىي كۆلىمى»

خەلقئارا يوقاپ كەتكەن ئىنسانلار كومىتېتى باش دېرىكتورى كاترىن بومبېرگېر

 

قاتناشقۇچىلار، «TRT World» مۇنبىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدىكى يىغىن بۆلۈملىرىنى تەقىپ قىلسا بولىدۇ.

«TRT World» مۇنبىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

Youtube: @trtworldforum

Facebook: @trtworldforum

Twitter: @trtworldforum

 

سرېبرېنىتسادا نېمە ئىشلار بولدى؟

دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان سرېبرېنىتسا شەھىرى 1995 - يىلى 7-ئاينىڭ 11 - كۈنى راتكو ملادىچنىڭ قوماندانلىقىدىكى سېربىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ب د ت قىسىملىرى ئىچىدىكى گوللاندىيەلىك ئەسكەرلەردىن پاناھلىق تىلىگەن بوشناق پۇقرالار كېيىنچە سېربلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئىدى.

سېربلار ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنىڭ بوشناق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنىۋاتقان رايونغا كېتىشىگە يول قويۇپ، كەم دېگەندە 8 مىڭ 372 بوشناق پۇقراسىنى ئورمانلىقتا، زاۋۇت ۋە ئامبارلاردا رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋەتكەن ئىدى.

 

ئۇرۇشتىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئىنسانلارنى تېپىش ئۈچۈن باشلانغان خىزمەتلەر نەىجىسىدە، جەسەتلىرى كوللېكتىپ قەبرىستانلىقلاردىن تېپىلغان قۇربانلارنىڭ كىملىكى ئنېىقلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنى پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا ھەر يىلى 11 - ئىيۇلدا ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن يەرلىكىگە قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر