ئامېرىكادىكى تۈرك شىركىتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ھەقسىز قېتىق تارقاتتى

تۈركىيە كارخانىچىسى قۇرغان ۋە ئامېرىكانىڭ ئەڭ تېز تەرەققىي تاپقان شىركەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان چوبانى شىركىتى، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشتاتلاردىن بىرسى يېڭى جېرسىيغا مىڭلىغان قۇتا ھەقسىز قېتىق تارقىتىپ بەردى.

1446793
ئامېرىكادىكى تۈرك شىركىتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ھەقسىز قېتىق تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «چوبانى ئامبىرى» (Chobani Pantry) پائالىيىتى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تارقىتىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن تۈركلەر ۋە كۆچمەنلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان پاتېرسونغا ياردەم بويۇملىرى ئاپتوموبىلى يوللىدى.

چوبانى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمدى ئۇلۇكايا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «(Chobani Pantry) بىلەن بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇ يۇقۇم مەزگىلىدە جەمئىيەتكە ئۈمىد بولۇش ۋە بۇ قىيىن، ھالقىلىق جەرياندا ساغلام يېمەكلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەش» دېدى.

باياناتتا، كوۋىد -19 يۇقۇمى جەريانىدا ئامېرىكا مىقياسىدا يېمەكلىك بانكىسى، دوختۇرخانا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى ۋە ئېھتىياجلىق تەشكىلاتلارغا ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان 4 مىليوندىن ئارتۇق ھەقسىز قېتىق تارقىتىپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر